Uyghur←ChineseMain Dictionary
لومبوك بوغۇزى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر龙目海峡
lóng mù hǎi xiá
شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ لومبوك ئارىلى بىلەن بالى ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان مۇھىم سۇ يولى. بوغۇزنىڭ شىمالىي بالى دېڭىزى بىلەن، جەنۇبى ھندى ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 80.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 1306 مېتىرغا يېتىدۇ. شىمالىي قىسمىنىڭ كەڭلىكى 36 كىلومېتىر، جەنۇبىي قىسمىنىڭ كەڭلىكى 65 كىلومېتىر كېلىدۇ. لومبوك بوغۇزى شەرقىي ئاسىيا بلىەن پېرسىيە قولتۇقى ئارىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش يولى، مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە بولمايدىغان 200 مىڭ توننىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە غايەت زور تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى لومبوك بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتىدۇ. بوغۇزدا قاتناشقا توسالغۇ بولىدىغان يوشۇرۇن خادا تاشلار يوق، پاراخوتلار بۇ جايدىن توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.