UyghurMain Dictionary
لويولا
دۇنيا تارىخى
(1491 - 1556) كاتولىك دىنى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ ئاساسچىسى. ئىسپانىيە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، كېيىن بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنپ، ھەربىي سەپتىن بوشانغان. 1528 - يىلى پارىژغا بېرىپ تېننولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1534 - يىلى پارىژدا بىر قىسىم شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش، كاتولىك چېركاۋىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، پاپانىڭ نوپوزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانىدى؛ 1540 - يىلى پاپا پاۋېل 3 (1534 - 1549 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى ئىيېزۇئىتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا (نامى <گېنېرال>) سايلانغان. ئىيېزۇئىتلارنىڭ ھەرىكەت ئەقىدىسى: پاپا ۋە چېركاۋنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاستىنى قوللىنىشتىن ئىبارەت. 1622 - يىلى پاپا لويولانى ھۆرمەتلەپ <ئەۋلىيا> دەپ ئاتىغان. ئۇ <دىنىي مەشغۇلات> دېگەن بىر كىتابنى يازغان.