Uyghur←ChineseMain Dictionary
لويد گېئورگې
دۇنيا تارىخى
劳合.乔治
láo hé .qiáo zhì
(1863 - 1945) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1916 - 1922). لىبېرالىستلار پارتىيىسى رەھبىرى. 1884 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1890 - يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. كېيىن سودا، مالىيە ۋەزىرى بولغان. مالىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە مال - مۈلۈك بېجى ۋە پاتېنت بېجىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ باج كىرىمىنى كېڭەيتكەن. 1911 - يىلى داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. 1914 - يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان چاغدا، ھۆكۈمەت ئامانەت - قەرز تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش بىلەن ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئۇرۇش راسخوتى توپلاپ بەرگەن. ئۇرۇشتىن كېين ئەنگلىيىگە ۋەكالىتەن پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە مۇستەملىكە، بېقىندى ئەللەردىكى مىلىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان ھمدە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پائال پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان. 1922 - يىلى باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، لېكىن يەنىلا پارلامېنتتىكى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرىي بولۇپ كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلاش ئالدىدا، چېمبېرلىن ھۆكۈمتىنىڭ مادارچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ <ئۇرۇش ئەسلىمىلىرى>، <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھەقىقىي سىرى> ناملىق ئەسەلىرى بار