Uyghur←ChineseMain Dictionary
لوڭفېللوۋ
Domain: دۇنيا تارىخى朗费罗
lǎng fèi luó
(1807 - 1882) ئامېرىكىلىق شائىر. مېيىن شتاتىدا تۇغۇلغان. 13 يېشىدىلا شېئىرىنى ئېلان قىلغان. 1825 - يىلى پورتويېن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ياۋرۇپانى ساياھەت قىلىپ كەلگەن. 1829 - 1835 - يىللىرى ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1836 - 1854 - يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. كېيىن شېئىر يېزىش ۋە تەرجىمە ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىندىئانلار ۋە نېگېرلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىگە ھېسداشلىق قىلغان. ئىرقىي زۇلۇمغا قارشى تۇرغان. لېكىن دائىم ئامېرىكا جەمئىيىتىنى پەردازلىغان. قەيسەر، تۈز پۇرىتان روھىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى شېئىرلار توپلىمىدىن <كېچىلىك ناخشا>، <قۇللار ناخشىسى>، <پەسىل قۇشلىرى>، <ئېۋانگېلىنى>، <مىلېس سىتانچوسىنىڭ توي تەلىپى> قاتارلىقلار. ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولغان <دېڭىز ناخشىسى> دېگەن ئىپىك داستانى ئامېرىكا بويىچە ئىندىئان مىللىتى توغرىسىدىكى تۇنجى تارىخىي داستان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە دانتېنىڭ <ئىلاھ كومېدىيىسى> دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.