UyghurMain Dictionary
لىنشيا شەھىرىدىكى بافاڭ ۋاڭسى مەسچىتى
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشىيا شەھىرىدىكى بافاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ۋاڭسى كوچىسىدا. بۇ مەسچىت مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان. دەسلەپ مەسچىت ئاددىي سېلىنغان. كېيىن ۋاڭ مۇپتى پۇل چىقىرىپ چوڭايتىپ سالدۇرغانلىقتىن « ۋاڭسى » ( ۋاڭ مەسچىتى ) دەپ ئاتالغان. بۇ مەسچىت تارىختا كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىرقى مەسچىت 1980 _ يىلىدىن 1984 _ يىلىغىچە سالدۇرغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىڭ 500 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. مەسچىتتە 1 مىڭ 500 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.