UyghurMain Dictionary
لېلېۋېل
دۇنيا تارىخى
(1876 - 1861) پولشالىق ئىنقىلابچى. تارىخشۇناس. ۋىلنيۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋارشاۋا ۋە ۋىلنا ئونىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسور بولغان، 1824 - يىلى چارروسىيەنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ۋەزىپسىدىن قالغان. 1828 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پولشانىڭ 1830 - يىلدىكى قوزغىلىڭىغا ئاكتى قاتناشقان ھەمدە دېموكراتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارىژغا قېچىپ كېتىپ، پولشا مىللىي كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1833 - يىلى فرانسىيە چارروسىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇنى قوغلاپ چىقارغان، كېيىن ئۇزاققىچە بريۇسسېلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. <پولشا تارىخى>، <ئوتتۇرا ئەسىر جۇغراپىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.