Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىللو
Domain: دۇنيا تارىخى利约
lì yuē
(1867 - 1923) چىلىلىق يازغۇچى. چىلىنىڭ ئاساسلىق كۆمۈركان رايونى - لوتادا دۇنياغا كەلگەن. لىللو ياشلىق دەۋرىدە دائىم شاختىغا چۈشۈپ، خاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ۋە تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1898 - يىلى پايتەخت - سانتىياگوغا كۆچۈپ بېرىپ، سانتىياگو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن چىلى خاڭ ئىشچىلىرى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان بولۇپ، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىلى جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى قايتا نامايەن قىلغان. ئۇ پرولېتارىيات تېمىسىنى چىلى ھېكايىچىلىقىغا ئېلىپ كىرگەن پېشۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ: <زېمىن ئاستىدا>، <قۇياش ئاستىدا> قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.