Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىكۋىداتورلار
Domain: دۇنيا تارىخى取消派
qǔ xiāo pài
روسىيە سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھى. 1905 - 1907 - يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مېنشىۋېكلار ئەكسىلئىنقىلابىي زوراۋانلىقتىن قورقۇپ كەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر پارتىيىنىڭ مەخپىي تەشكىلاتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ھەتتا پارتىيىنىڭ ئىنقىلابىي پروگراممىسى، تاكتىكىسى ۋە ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە قانۇنىي ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ، <ئوچۇق - ئاشكارا ئىشچىلار پارتىيىسى>قۇرۇشقا ئۇرۇنغان، بۇنداق كىشىلەر <لىكۋىداتورلار> (بىكار قىلغۇچىلار) دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى مارتوۋ، دان (1871 - 1947) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1912 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پراگا ۋەكىللەر يىغىنىدا لىكۋىداتورلار پارتىيىدىن تازىلاپ چىقىرىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.