UyghurMain Dictionary
لېيى خام
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىرادىسى ئاجىز، ئىرادىسىز، ئەمگەك سۆيمەيدىغان، ھۇرۇن، غەيرەتسىز: تازا لېيى خام بىر نەرسىگە ئۇچراپ قالدىڭمۇ نېمە؟ - دېدى قىزنىڭ دادىسى. (2) تۇغۇلۇشىدىنلا زېھنىي كۈچى، قابىلىيىتى ئاجىز؛ تەپەككۈر ئىقتىدارى تۆۋەن: ئۇ بالىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا خېلىلا لېيى خام، شۇڭا ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن.