Chinese→UyghurMain Dictionary
六.二四政变
دۇنيا تارىخى
24 - ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشى
يەنە تايلاند ئاساسىي قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى ياكى قان تۆكۈلمىگەن ئىنقىلاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) بۇرژۇئازىيىسى قوزغىغان ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى. 1932 - يىلى 24 - ئىيۇندا خەلق پارتىيىسى ئىچىدىكى پېياپاخون (1886 - 1951)، پرىدى پانوميوڭ (1900 - 1983) قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ياش رادىكاللار ئارمىيىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئوردىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇستەبىت پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى چەكلەش لازىملىقىنى ئوتتۇىغا قويۇپ، پادىشاھ راما Ⅶ نى ئۇلار تۈزگەن ئاساسىي قانۇننى قوبۇل قىلىشقا مەجبور قىلغان. 6 - ئاينىڭ 72 - كۈنى، پادىشاھ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنغا ئىمزا قويغان ھەمدە ئارقىدىنلا پارلامېنت يىغىنى چاقىرغان. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان. خەلق پارلامېنتى تەسىس قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېرىمى كۆرسىتىلگەن. يېرىمى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بىلەن مەمۇرىي ھوقۇق ئايرىۋېتىلگەن. پادىشاھ نامدا يەنىلا دۆلەت باشلىقى بولسىمۇ، ئەمما بارلىق چوڭ ھوقۇقلار خەلق پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قولىدا بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ سىيامدا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە خاتىمە بېرىلگەن.