Chinese→UyghurMain Dictionary
李算
دۇنيا تارىخى
لى سۈەن
(1752 - 1800) چاۋشيەن لى سۇلالىسى پادىشاھى (1776 - 1800). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى جېڭزۇڭ، 1899 - يىلى جېڭزۇ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە كۈچىنىڭ بارىچە گۇرۇھلار كۈرىشىنى باستۇرغان، بىراق تۈپتىن يوقىتالمىغان. مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ، كىتابخانا تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كىتابلارنى ساقلاتقان. ھەرپ قۇيدۇرۇپ <شەرق ئېلى يازما ھۆججەتلىرى ئىزاھاتىغا تولۇلىما>، <قامۇس ئومۇمىي توپلىمىنىڭ داۋامى>، <چاۋشيەن قىممەتلىك ئۆرنىكى> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىتاب - ھۆججەتلەرنى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان . ئەمەلىي ئۆگىنىشكە ئىلھام بەرگەنلىكتىن، دىڭ رويوڭ، پىياۋجيۇەن قاتارلىق ئەمەلىي ئىلىم تەرەپدارى ئالىملىرى مەيدانغا كەلگەن.