Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىيسىماكو
دۇنيا تارىخى
莱西马库
lái xī mǎ kù
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 360 - 281) تراكىيە رايونىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 306 - 281). ماكىدونىيىلىك بولۇپ، باتۇرلۇقى بىلەن داڭق چىقارغان (ئىمپېراتور). ئالېكساندرغا ئەگىشىپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، كۈچلۈك سەركەردىسىدىن بولۇپ قالغان. ئالېكساندر ئۆلگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 323)دىن كېيىن، تراكىيە (ئېگېي دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى)دىن دۇناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلارغىچە بولغان جايلارغا ئىگە بولغان، شىمال چېگرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۈچلۈك بولغان گېتائېلار بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئالېكساندرنىڭ باشقا سەركەردىلىرى بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى تالاشقان. مىلادىدىن 315 يىل ئىلگىرى پېتولېمىي، سېلېئۇكۇس، كاسساندېر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، كۈچلۈك بولغان. ئانتىگونوس Ⅰ گە قارشى تۇرغان. لېكىن دەسلىپىدە چوڭ ئىش تاشلىغان. مىلادىدىن 306 يىل ئىلگىرى ئۆزىنى <پادىشاھ> دەپ ئاتىغان. كېيىن ئەسكەر باشلاپ كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك ئىپىسۇس جېڭىگە قاتناشقان. (مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى)، نەتىجىدەئانتىگونوس Ⅰ نى ھالاك قىلغان؛ يەنە خېللپسپونتوس، ئېگېي دېڭىزىنىڭ پرىگىيىگىچە بولغان مۇنبەت جايغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن 291 يىل ئىلگىرى يەنە شىمالدىكى <ۋارۋارلار>غا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزۇق - تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، پۈتۈن قوشۇنى بىلەن تەسلىم بولغان؛ گېئائېلارنىڭ ئاتامانى درومىكائېتېس كۈتمىگەن يەردىن كەڭچىلىك قىلىپ ئۇنى قويۇپ بەرگەن. مىلادىدىن 288 يىل ئىلگىرى پتولېمېي، سېلېئۇكوس ۋە پېرروس بىلەن بىرلىشىپ، ماكىدونىيە رايونىنى ئىگىلەپ تۇرغان دېمېترىئۇس (ئانتىگونوس Ⅰ نىڭ ئوغلى) غا قارشى تۇرغان؛ ئۇ يېڭىلىپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ليسىماكو ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان (مىلادىدىن 286 يىل ئىلگىرى). ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، <يۇنانلاشقان> دۇنيا بويىچە كىچىك ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغا تۇتاشقان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ ھالەتنى ساقلاپ قالالمىغان. ئوردىدىكى ئىچكى ماجىرا ئارقىسىدا ئوغلى ئاگاتوكلېسنى خاتا ئۆلتۈرگەن، ئوغلىنىڭ ئايالى سېلېئوكوسنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىپ مەدەت تەلەپ قىلغان. سېلېئۇكوسنىڭ بۇرۇنلا كىچىك ئاسىيانى قولغا چۈشۈرۈش ئويى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئسكەر چىقىرىپ ليسىماكو بىلەن كرۇپېدىئون (كىچىك ئاسىيا) تۈزلەڭلىكىدە ئۇرۇش قىلغان. ليسىماكو جەڭدە ئۆلگەن، دۆلىتى شۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن.