Chinese→UyghurMain Dictionary
利斯维克和约
Domain: دۇنيا تارىخىرىسىۋىك سۈلھ شەرتنامىى
فىرانسىيە بىلەن فرانسىيەگە قارشى ئۇگىسبۇرگ ئىتتىپاقى (گوللاندىيە، شۋىتسارىيە، ئىسپانىيە، باۋارىيە، مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى ئىمپىراتورلىرى قاتارلىقلار قاتناشقان) نىڭ رىسۋىك (ھازىرقى گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا) دا ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1697 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى،فرانسىيە بىلەن گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىليە شەرتنامە ئىمزالىغان، 10 - ئاينىڭ 3- كۈنى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى ئىمپىراتورى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، فرانسىيە ئورانچىلىق شاھزادە ۋىليامنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ كورۇلى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇش مەزگىلىدە بېسىۋالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم زىمىنىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، بىراق ستراسبۇرگنى ساقلاپ قالغان. گوللاندىيە دۇنيا سودىسىدا بىر قاتار ئالاھىدە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.