Uyghur←ChineseMain Dictionary
لېيپنىز
دۇنيا تارىخى
莱布尼茨
lái bù ní cí
(1646 - 1716) گېرمانىيىلىك تەبىئىي پەن ئالىمى، ماتېماتىك، ئىدىئالىستىك پەيلاسوپ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا لېيپسىگ داشۆسىدە ئوقۇغان. دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، ئوردا مەسلىھەتچىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. فرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. نيۇتون بىلەن بىر قاتاردا ئىنتېگرالنىڭ ئاساسچىسى دېيىلىدۇ. پاسكانىڭ قوشۇش ئەسۋابىنى ياخشىلاپ، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلىگەن ۋە ياسىغان. ئۇ جۇڭگونىڭ <تەبىئىي سەككىز سمۋوللۇق پال> بىلەن ماس كېلىدىغان ئىككى خانىلىق سىستېمىسى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قويغان. لوگىكا جەھەتتە تولۇق ئاساسىي قانۇنىيىتىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە مۇناسىۋەتلىك لوگىكا مەسىلىلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلغان. ئۇ، ماتېماتىكىلىق لوگىكىنىڭ پېشىۋاسى. پەلسەپە جەھەتتە، ئوبيېكتىپ ئىدىئالىستىك سىستېمىسىدىكى بىرلىك نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە، لوگىكىنىڭ تەجرىبىلىك نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، بىلىش تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەردىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئەزەلدىن بار بولىدۇ، كۆڭۈلنىڭ ئۆزىدە بار بولغان يوشۇرۇن چۈشەنچىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ھەقىقەتنى مۇقەررەر ھەقىقەت ۋە تاسادىپىي ھەقىقەت دەپ ئايرىغان. ئۇنىڭ ئىدىئالىستىك سىستېمىسى بەزى ماتېرىيالىستىك ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماركسىزم كلاسسىكلىرىدا بۇ قارارلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئىنسان ئەقلىي توغرىسىدىكى يېڭى نەزەرىيە>، <ئىلاھ بەرھەقچىلىكى>، <بىرلىك نەزەرىيىسى> قاتارلىقلار.