Chinese→UyghurMain Dictionary
林罗山
دۇنيا تارىخى
خاياشى راياما
(1583 - 1657) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلىپىدە ئۆتكەن جۇزىچى ئالىمى. كيوتودا تۇغۇلغان. ئىسمى نوبۇكاتسۇ، ياش ۋاقتىدا جيەنرېن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى بوغان. دارمالىق نامى دوشۇن، كېيىن فۇدزىۋارا شىنۋۇغا شاگىرت بولۇپ، چېڭ خاۋ - جۇشى ئېقىمىنى ھۆرمەتلىگەن. 1605-يىلى (چېڭچاڭنىڭ 10-يىلى) توكۇگاۋا ئىزياسۇنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، تۆت ئەۋلاد سىياگوننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان، قائىدە - يوسۇن پەرمانلىرىنى تۈزۈپ، شوگناتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە جۇزى تەلىماتىنى ھۆكۈمەت ئىلمى قىلىپ، تەرىقەت دىنى بىلەن كۇڭزى تەلىماتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇددا دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنى چەتكە قاقان. <ئۇلۇغ تەلىماتقا ئىزاھات>، <مۇاھكىمە ۋە بايانغا ئىزاھات> <خاندانلىقىمىزنىڭ يىلنامىسى>، <راياما ئەسەرلىرى توپلىمى> قاتارلىق 100 نەچە پارچە كىتاب يازغان.