Chinese→UyghurMain Dictionary
利马宣言
دۇنيا تارىخى
لىما خىتابنامىسى
(1) 1954 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چىلى، ئېكۋادور ۋە پېرۇ ئۈچ دۆلەت لىمادا ئىزالىغان سانتىياگو خىتابنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قوشۇمچە توختامنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا: ناۋادا، <دېڭىز تەۋەلىكى قوراللىق تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا، تاجاۋۇزغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىش قاراىغا كېلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تەسىرگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت باشقا شەرتلەشكەن دۆلەتلەرگە ۋەقەنى دەرھال مەلۇم قىلىپ قويۇش كېرەك> دەپ بەلگىلەنگەن. (2) <لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز - ئوكيان قانۇنى توغرىسىدىكى خىتابنامىسى> نىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى. 1970 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - 8 - كۈنلىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى چىلى، ئېكۋادور، پېرو قاتارلىق 20 دۆلەت لىمادا <لاتىن ئامېرىكىسى دېڭىز - ئوكيان قانۇنى مەسىلىسى يىغىنى> نى چاقىرىپ، ئېلان قىلغان خىتابنامىسى. خىتابنامىدە تەكىتلەپ <دېڭىز بويى دۆلەتلىرى مۇۋاپىق بولغان ئۆلچەم بويىچە ئۆزىنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياكى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە> دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ خىتابنامىنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 14 دۆلەت ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىغان. (3) 1971 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مىنسىتىرلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاخىرقى ھۆججەت. بۇ ھۆججەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىق، باشقىلارنىڭ زېمىنغا چاڭ سېلىش ۋە باشقا ئەلگە بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدا: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ <زېمىنى ۋە دېڭىز - ئوكيان خام ئەشياسى، بايلىقىغا قارىتا تولۇ، چەكسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە> ھەمدە <دۇنيا سودىسى ۋە پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا دائىر ھەرقانداق ئالدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەسلىھەت ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرىگە تولۇق قاتنىشالايدۇ> دەپ كۆرسىتىلگەن. (4) <سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى لىما خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىلانى> نىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى. 1975 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - 27 - كۈنلىرى لىمادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىمنىدا ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا چەت ئەل ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقنىڭ قالدۇقلىرى، چەت ئەلنىڭ ئىشغالىيىتى، ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقى ئايرىمىچىلىق ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى يېڭى مۇستەملىكىچىلىك يەنىلا تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە ئالغا بېسىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەرتىپنى بەرپا قىلىش زۆرۈرۈ، دەپ كۆرسىتىلگەن.