Chinese→UyghurMain Dictionary
礼帽派
دۇنيا تارىخى
شىلەپىلىكلەر
شۋېتسىيىنىڭ <ئەركىنلىك دەۋرى> (1718 - 1772)دىكى ئىككى چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى. مۇتەئەسىپ <شەپكىلىكلەر>دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئاساسلىق رەھبەرلىرى كارل گىللېنبورگ،كارل گۇستاف تېسىن (1695 - 1770) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۆرىلەر، توپ مال ساتقۇچى سودىگەرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگەۋەكىللىك قىلغان. مىركانتلىزم پرىنسىپىنى ۋە روسىيە قارشى تۇرۇپ فرانسىيە بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق شۋېتسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. كارلگىللېنبورگ 1739 - يىلى باش دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغاندىن كېيىن فرانسىيە بىلەن رەسمىي ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە 1741 - يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ يېڭىلگەن. كېيىن يەتتە يىللىق ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ۋە مەملىكەت ئچىدىكى پارتىيىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دە - تالىشى ھەم مالىيە قىيىنچىلىق سەۋەبلىرىدىن 1765 - يىلى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. بۇ پارتىيە 1768 - 1771 - يىللىرى يەنە بىر قېتىم ھوقۇق تۇتقان بولسىمۇ، تەسىرى زور بولمىغان.