Chinese→UyghurMain Dictionary
李尔本
دۇنيا تارىخى
لىلبۇرنى
(تەخمىنەن 1614 - 1657) ⅦⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتى، باراۋەرچىلەرنىڭ يولباشچىسى. كىچىك يېزا مۆتىۋىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە شاگىرت ئىشچى بولغان. 1638 - يىلى ئېپىسكوپقا قارشى كىتابلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە بىر يۈرۈش خىتابنامىلەرنى يېزىپ چىقىپ، سوت مەھكىسىمىنىڭ زالىملىقىنى پاش قىلغان. 1642 - 1645 - يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدا، باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، 1644 - يىلى 5 - ئايدا يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ پودپولكوۋنىكلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك ئاقساقاللار پارلامېنتنىڭ سىياسىتىنى سۆكىدىغان بىرمۇنچە كىتابچىلارنى يېزىپ چىقىپ، 1646 - يىلى تۇتقۇن قىلىنپ، جەرىمانە تۆلەش ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تۈرمىدە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1648 - يىلى 8 - ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ، باراۋەرچىلەر ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئومۇمىي سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسكەرلەر بىلەن نامراتلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. شۇ سەۋەپتىن يەنە بىر نۆۋەت قولغا ئېلىنغان. 1657 - يىلى تۈرمىدە قازا تاپقان. <ئەنگلىيىدەىكى تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇق>، <خەلق ئەھدىنامىسى>، <ئەنگلىيىگە سېلىنغان يېڭى كىشەننىڭ ئاشكارىلىنىشى> قاتارلىق كىتابلارنى ئېلان قىلغان.