Chinese→UyghurMain Dictionary
裂变径迹断代
دۇنيا تارىخى
پارچىلىنىشنىڭ بىۋاسىتە ئىزىغا قاراپ دەۋرگە بۆلۈش
رادىئاتسىيىدىن زەخمىلەنگەن بىۋاستە ئىزسانىدىن پايدىلىنىپ، ئارخېئولوگىيە ۋە گېئولوگىيىلىك ئەۋرىشكىلەرنىڭ دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى. ئەۋرىشكىدىكى بىۋاستە ئىزلار مىنېراللار ۋە ئەينەكتىكى ئۇرانلىق ئارىلاشمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان. بىۋاستە ئىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە مىكرومېتىر بولسىمۇ، ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىرقانچە مىليارد يىلغا يېتىدۇ. ئەمما جىسىم قىزدۇرۇلۇپ، تېمپۇراتۇرىسى مەلۇم بىر نۇقتىغا يەتكەندە، بىۋاستە ئىزلار يوقايدۇ. مۇشۇ ھادىسىگە ئاساسلانغاندا، پەقەت جىسىمدىكى ئۆزلۈكىدىن پارچىلانغان بىۋاستە ئىزلىرىنىڭ زىچلىقى ۋە تەركىبىدىكى ئۇران مىقدارى ئۆلچەپ تېپىلسىلا، بۇ جىسىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىزىغاندىن بۇيان ئۆتكەن ۋاقتىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. پارچىلىنىش بىۋاستە ئىزنىڭ دەۋرىنى ئۆلچەپ بېكىتكىلى بولىدىغان ماددىلار يۈزخىلدىن ئاشىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئاق چىرىمتال، زىركونىي ۋە شىلىي قاتارلىق ئون نەچچە خىل مىنېرال ۋە ھەرخىل تەبىئىي، سۈنئىي ئەينەكلەردىن ئىبارەت. فارفۇر قاچاقۇچىلارنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلىك ئېمال، سۈنئىي ئۇران ئەينەك ۋە ساپال قاچىلاردىكى بەزى مىنىراللارمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئۆلچىنىدىغان دەۋرلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يۇقىرىقى چېكى 4 مىليارد 500 مىليون يىللىق قۇياش سىستىمىسىنىڭ يېشىنى تېپىش مۇمكىن بولسا، تۆۋەنكى چېكىدە يېشى يۈز يىلغا يەتمەيدىغان پەرداز ئەينىكىنىڭ يىلىنى تېپىشقا بولىدۇ.