Chinese→UyghurMain Dictionary
理查三世
دۇنيا تارىخى
رىچارد Ⅲ
(1452 - 1485) ئەنگلىيە يورك خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1483 - 1845). قىزىلگۈل ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1460-يىلى دادىسى كىنەز يورك ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكىسى ئېدۋارد Ⅳ (1442 - 1483) نىڭ كورۇل بولۇشىنى ھىمايە قىلىپ، ئۆزى گلۇكېستېر كىنەزى بولغان. ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، جىيەنى ئېدۋارد Ⅴ (1470 - ؟) نى تەختكە چىقىرىپ، ئۆزى نائىب بولغان. لېكىن كېيىن جىيەنىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۆزى كورۇل بولۇۋالغان. بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن بىر جەڭدە ھېنرى تۇدور تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.