Chinese→UyghurMain Dictionary
李卜克内西
دۇنيا تارىخى
لېبكنېخت
(1)ۋېلھېلىم لېبكنېخت (1826 - 1900) گىرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتى ئەربابى. گىرمانىيە سوتسىيال دېمۇكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتىرناتسىئونالغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. گېسسىندىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گېسىن ۋە بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىدا بىئولوگىيە، پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقتا ئوقۇغان. 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى گىرمانىيە ئىنقىلابىغا پائال ئاتلانغان. 1848 - يىلىدىكى سىنتەبىر بادىن قوزغىلىڭى ۋە 1849 - يىلى 5 - ئايدىكى ئېمپىرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش كۈرۈشىگە قاتناشقان. 1850 - 1861 - يىللىرى ئەنگىلىيەدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە ماركىس بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن. 1862 - يىلى بېرلىنغا قايتىپ، <شىمالىي گىرمانىيە گېزىتى > نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇ، مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىشچىلار ھەركىتى بىلەن شوغۇللىنىپ، گىرمانىيەدە ئىلمىي سوتسىيالىزىمنى تەشۋىق قىلغان. 1869 - يىلى 8 - ئايدا بېبىل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سوتسىيال دېمۇكراتىك ئىشچىلار پارتىيسى ( ئېيزى ناخشىچىلار ) نى قۇرغان. پروسسىيە - فىرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنتىرناتسىئونال مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنى قىزغىن قوللىغان. كېيىن پارتىيىنڭ ئورگان گېزىتى - <خەلق دۆلىتى گېزىتى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1872 - يىلى ئىلزاس، لوررېننى قوشۇۋېلىشقا قارشى چىققانلىقتىن <ۋەتەنگە ئاسيلىق قىلدى> ۋە <كورۇلغا ئاھانەت قىلدى> دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1875 - يىلى ئيېزىناخچىلار بىلەن لاسسالچىلار بىرلىشىپ گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغاندا، لاسسالچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، پارتىيىنىڭ يېڭى پروگراممىسى - گوتا پروگراممىسىدا، لاسسالچىلارنىڭ نۇرغۇن ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن، ماركس - ئېنگلېس تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغان. 1876 - 1878 - يىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <ئورگان گېزىتى>، <ئالغا گېزىتى> نىڭ باش تەھىرىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە لاسسالچىلارغا قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1878- يىلى <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن> ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قيىن شارائىت ئاستىدا بېبېل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن پارتىيىنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەخپىي ئورگان گېزىتى - <سوتسىيال - دېموكراتلار> نىڭ باش تەھىرىرى بولۇپ، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات - تەرغىبات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. <پەۋقۇلئاددە قانۇن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، 1890 - ۋە 1891 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پارتىيىنىڭ ھاللې ۋە ئېرفورت قورۇلتىيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ يېڭى پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى ماركسزملىق مەۋقە ۋە نۇقتىئىنەزەرگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىدا پارتىيىنىڭ خەلقئارالىق ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1889 - يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ، گېرمانىيە پرولېتارىياتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى (1870 - 1876)، گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى (1874 - 1900) بولۇپ سايلانغان، پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتى ۋە گېرمانىيە مىلىتارىزمغا قارشى ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماي كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى >مىلىتارىزمغا ۋە يېڭى باج ئېلىشقا قارشى تۇرايلى<، >فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى< قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) كارل لېنكنېخت (1871 - 1919). گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال سول قانات داھىيلىرىدىن بىرى. گېرمانىيە كومپارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. ۋېلھېلم لېبكنېختنىڭ ئوغلى. ئادۋوكات. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سوتسىيالىستىك ھەركەتكە قاتناشقان. 1900 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907 - يىلى سوسىيالىزمچى ياشلار تەشكىلاتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى >مىلىتارىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى تۇرۇش< ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇغانلىقى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. 1908، 1912 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پرۇسسىيە پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پارلامېنت مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ مىلىتارىزغا قارشى پائال كۈرەش ئېلىپ بارغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1914 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى قارارىغا قارىماستىن، پارلامېنتتا بىر ئاۋاز بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خىراجەت خام چوتىغا قارشى چىققان. 1916 - يىلى 1 - ئايدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى قوزغىغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ رېخىسىتاگدىكى پارتىيە ئۆمىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا سول قانات رەھبەرلەر بىلەن سپارتاكچىلارنى تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېرلىندا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغانلىقتىن، ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۆت يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. 1819 - يىلى 10 - ئايدا ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەمدە گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1919 - يلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئوڭچى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لىيۇكسېمبۇرگ بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن.