Chinese→UyghurMain Dictionary
李必达
دۇنيا تارىخى
لېپىدۇس
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 13) قەدىمكى رىم باش قوماندانى. كائېسارنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىسى. شەھەر باش سوتچىسى (مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى)، ئىسپانىيە باش ۋالىيسى (مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى)، كونسۇل (مىلادىدىن 46 يىل ئىلگىرى) ۋە كائېسار ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى (مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى) بولغان. كائېسار قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنتوننىڭ كائېسار ئۈچۈن <قىساس ئېلىشى>غا ياردەم بېرىپ، رىمنى تېرورلۇق ئىچىدە قالدۇرغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى ئانتونى، ئوكتاۋىئان بىلەن كېيىنكى <ئۈچلەر> ئىتتىپاقىنى تۈزگەن. فىلىپ جېڭى (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى)دىن كېيىن، ئافرىقا ئۆلكىسىنى باشقۇرۇپ كەلگەن. ئوكتاۋىئان بىلەن چىقىشالمىغاچقا، مىلادىدىن 36 يىل ئىلگىرى ئوكتاۋىئان ئۇنى ھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ ئۇنىڭ پەقەت <باش كاھىن> لىق ئۇنۋانىلا ساقلاپ قالغان. كېيىن لاتىنئۇم قىرغىقىدىكى بىر كىچىك شەھەرگە چېكىنىپ بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرغان.