Chinese→UyghurMain Dictionary
利奥波德二世
دۇنيا تارىخى
لېئوپولد Ⅱ
(1) لېئوپولد Ⅱ (1747 - 1792). ئاۋسترىيە كورۇلى. مۇددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1790 - 1792). تەختتىك مەزگىلدە ئاكىسى جوسېف دەۋرىدىكى ھەرخىل ئىسلاھاتنى بىكار قىلىپ، ئاقسۆڭەك پومېشچىك ۋە كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەملىكەت ئىچىدە ئەكسىيەتچىل سىياسەتنى يولغا قويغان. 1789 - 1790 - يىللىرىدىكى بېلگىيە <كالتەكچىلەر ھەرىكىتى>نى باستۇرغان. 1790 - يىلى پرۇسسىيە بىلەن <رېخېنباخ كېلىشىمى> ئىمزالىغان. 1791 - يىلى يەنە <پىللېنتىس خىتابنامىسى> غا ئىمزا قويغان. 1792 - يىلى 2 - ئايد پرۇسسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىغا بىرلىكتە قارشى تۇرغان. (2) لېئوپولد Ⅱ (1835 - 1909). بېلگىيە كورۇلى (1865 - 1909). 1876 - يىلى <خەلقئارا ئافرىقا جەمئىيىتى>نى تەشكىللىگەن. ستانلېنى ياللىۋېلىپ كونگو رايونى (ھازىرقى زايىر)نى تەكشۈرۈش ئىشىغا سالغان. كېيىن شەخسىي نامى بىلەن كونگونىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، <كونگو ئەركىن شتاتى> دەپ ئاتىۋالغان يەرلىك ئاھالىلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئېزىپ، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغان ۋە قىرغا. 1908 - يىلى بۇ جاينى مۇستەملىكە سۈپىتىدە بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.