Chinese→UyghurMain Dictionary
联合国
دۇنيا تارىخى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
قىسقارتىپ <ب د ت > دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات. 1945-يىلى 6-ئايدىكى سان فرانسېسكو يىغىنىدا ئىمزالانغان <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى>غا ئاساسەن، شۇيىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي نىزامغا ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان 51 دۆلەت ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ھوقۇقى پەقەت 1971-يىلى 10-ئايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. ئاساسىي نىزامدا ب د ت نىڭ مەقسىتى <خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش>، <تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش>، <خەلقئارا ھەمكارلىقنىئىلگىرى سۈرۈش> ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پرىنسىپلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ھەرقايسى ئەللەر ئىگىلىك ھوقوقتا بارەۋەر بولۇش؛ خەلقئارالىق تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەملىكىگە تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى، ياكى ب د ت نىڭ مەقسىتىگە خىلاپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەخلى ـ تەرۇز قىلماسلىقى؛ ب د ت ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە دۆلەت ئىچكى تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق. ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىدىن ئۆتسە ھەمدە چوڭ يىغىندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپچىلىك قوشۇلسا، ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. 1983-يىلىغا قەدەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 158 گە يەتكەن. ب د ت دا چوڭ يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش، ۋەكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئورگان بار. كاتىبات باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاساسىي مەمۇرىي مەسئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باش شتاب نيۇيۇركتا تەسىس قىلىنغان. جەنۋەدە ياۋرۇپا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى بار. ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە باش شتابتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
قانۇن
lián hé guó
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ب د تDئۇنىۋېرسال
lián hé guó
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى )ب د ت(