Uyghur←ChineseMain Dictionary
لېگنانو جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى雷那诺之战
léi nà nuò zhī zhàn
1176 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى لېگنانو (مىلاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) دا يۈز بەرگەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن جەڭ. بۇ جەڭدە گېرمان رىتسارلىرى لومباردىيە ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، فرېدرىخ Ⅰ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشقا تاسلا قالغان. كېيىن ئالتە يىللىق سۆھبەت ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ 1183 - يىى <كونىستانتىن سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، فرېدرىخ Ⅰ لومباردىيە شەھەرلىرىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.