UyghurMain Dictionary
لەئل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىزىل رەڭلىك قىممەت باھا تاش؛ قىزىل ياقۇت؛ نادىر، قىممەتلىك، تېپىلماس:
قىپقىزىل لەۋ، سۆيگىنىنىڭ لېۋى:
بېزەك، بوياق:
بولۇرمۇ جەھاندا بۇ يەڭلىغ لەئل،
كى قىلماسمەن ھەرگىز جەھانغا بەدل.
ئا. نىزارى،ن . زىيائى.
جۇملە دۇختەر ئەختەر ئولسا، ئول پەرىۋەس شەمسدۇر،
بارچە بەلكى لەئل ئولسا، ئول سەدەپنىڭ گەۋھەرى.
موللا بىلال.
2. زۇلفى ئېرۇر شىكەن - شىكەن كىم، يۈزىدۇر چەمەن - چەمەن،
كىرپىكدۇر تىكەن - تىكەن، لەئلىدە چەشم جارىدۇر.
گۇمنام.
ھەياتى تازە ئىستەپ لەئلىڭ ئارمانىن نەچە چەكتىم،
نە ئۇمرى قۇتى جان تاپتىم، نە دەردىمگە داۋا قىلدىم.
ئەرشى.
3. چۇ مېتىن ئۇزاتىپ تىلىن ئۇن سالۇر،
قاتىق خارەدىن لەئلۇ ياقۇت ئالۇر.
نەۋايى.
5. نېچۈك نۇشى مە لەئلىڭنى ئەيلەي ئارزۇ ئەزبەس،
ھەياتى تازە جانىمغە ئىزىڭ ئۆپكەن زەمانىمدۇر.
ئەرشى.
مەن شەرابى لەئلىدىن سەرشاردۇرمەن، ئەي رەقىب،
سەن يۈرۈرسەن تەشنالەب ئىچمەي مەيى رۇخسارىدىن.
ئەرشى.
مەنپەئەت:
قىزىل رەڭلىك مەي:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىزىل رەڭلىك چىنتاش، كۆچمە مەنىسى: قىپ - قىزىل لەب (كالپۇك؛ قىزىل سىياھ بىلەن يېزىلغان خەت)؛ لەئل ئەتمەك - قىزارتماق؛ لەئل ئەھمەر - قىزىل لەئل. كۆچمە مەنىسى: قىزىل مەي؛ لەئل مۇزاب - ئېرىتىلگەن لەئل. كۆچمە مەنىسى: قىزىل مەي؛ لەئل ئابدار - تىنىق، پارلاق لەئل، تازا لەئل؛ لەئلى ئاتەشىن - ئوتلۇق، چاقنىغان لەئل، قىزىل لەئل؛ لەئلى پەيكانى - يا ئوقىنىڭ تىغىغا ئوخشىتىپ تاراشلانغان لەئل؛ لەئلى راۋان - ئاققان قان (كۆچمە مەنىدە)؛ لەئلى رۇممانى - ئانار دانىسىگە ئوخشاش لەئل.