UyghurMain Dictionary
لەۋ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كالپۇك.
لەۋ تاۋۇشى، لەۋلەشكەن بوغۇم.* ئاچچىقىڭ كەلسە، لېۋىڭنى چىشلە. * كىشنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدى لېۋىنى چىشلەپ (ماقال).* سۆيمىگەن يارنىڭ لېۋى سوغۇق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەرسىنىڭ قىرى، چېتى.
چىنىنىڭ لېۋى پۇچۇق ئىكەن. * ئۇ سۇپىنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ، بىر پىيالە چاي ئىچتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز ئاستى - ئۈستىدىكى ھەرىكەتچان ئەت.
تەگ دېسە تەگمەيدۇ، تەگمە دېسە تېگىدۇ، ئۇ نېمە؟ (لەۋ). سۆيمىگەن يارنىڭ لىۋى سوغۇق. قاچقۇننىڭ كالپۇكى قۇرار. نە خۇش بولغاي ئىككىيلەن مەست بولساق ۋەسىل باغىدا، قولۇم بولسا سېنىڭ بوينۇڭدا ۋە ئاغزىم دورداغىڭدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ئانات> ئادەم ياكى ھايۋانلار ئېغىزىنىڭ چۆرىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىسى، كالپۇك.
لېۋىنى چىشلىمەك. لەۋ تاۋۇشى.
كۆچمە. چەت، ياقا، گىرۋەك؛ قىرغاق.
سۇپىنىڭ لېۋى. كۆلنىڭ لېۋى.
بىزدىن تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتا ئۆستەڭنىڭ لېۋىدە بىر قىز بىر نەرسىگە قاراپ ئېڭىشىپ تۇراتتى.