UyghurMain Dictionary
لەتىپە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە. گۈزەل، يېقىملىق سۆزىدىن
كۈلكىلىك كىچىك ھېكايە. لەتىپە خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاممىباپ ژانىرلىرىدىن بىرى. نەسىردىن ئەپەندى، موللازەيدىن، سەلەي چاققان قاتارلىقلارنىڭ لەتىپلىرىدە جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىش، يامان قىلىق ۋە خىيانەتچى، پارىخور، جازانىخور، پەسكەش كىشىلەر پاش قىلىنىدۇ، خەلقنىڭ دانالىقى، سەزگۈرلۈكى ۋە تەدبىرچانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈلكىلىك ۋەقە - ھادىسە توغرىسىدا ئېيتىلىدىغان قىزىق پاراڭ.
نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى - لەتىپىنىڭ كانى. <ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى> نەشىردىن چىققاندا زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئەد> كۈلكىلىك ۋەقە - ھادىسە ھەققىدىكى كىچىك ھېكايە. ئۇ خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاممىباب ژانېرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىش، يامان قىلىق ۋە خىيانەتچى، پارىخور، جازانىخور، پەسكەش كىشىلەر پاش قىلىنىدۇ؛ خەلقنىڭ دانالىقى، سەزگۈرلۈكى ۋە تەدبىرچانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى. سەلەي چاققان لەتىپىلىرى.
ئاياللارنىڭ ئىسىمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مۇلايىم، يۇمشاق، كۆيۈمچان