Chinese→UyghurMain Dictionary
勒基
Domain: دۇنيا تارىخىلېكى
(1838 - 1903) ئەنگىلىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ دۇبلىن داشۆسى چېرتنام شۆيۈەنى ۋە 1 - مارت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، 1863 - يىلى ئەدەبىيات بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋان ئالغان. 1895 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان، 1897 - يىلى مۇھىم ئىشلار پالاتاسىنىڭ مەسلىھەتىچىسى بولغان. 1902 - يىلى ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. سىياسىي جەھەتتە ئەركىنچىلىك قارىشىدا بولۇپ، مۈلۈكدارلار سىنىپى سايلاپ چىققان پارلامېنت كونترول قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىمتىيازنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان. ئېرلاندىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللىغان، لېكىن ئېلاندىيىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى قۇۋۋەتلىمىگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى ئەسىرى <ⅧⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە تارىخى> جەمئىي سەككىز توم بولۇپ، مەزمونى مول، تارىخي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. ئۇ يەنە <ياۋرۇپادىكى ئەقلىيىچىلىك روھىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىش تارىخى>، ئىككى توم، <ئاۋگۇستۇستىن چارلېمانغىچە بولغان دەۋردىكى ياۋرۇپا ئېتىكا تارىخى> قاتارلىقلارنى يازغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.