Chinese→UyghurMain Dictionary
类囊体
بىئولوگىيە
خالتىسىمان تەنچە
خلوروپلاستتىكى قەۋەتلىك پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 7.0mn كېلىدىغان ئىككى مايلىق قەۋەت پەردىدىن تۈزۈلگەن ياپىلاق خالتىسىمان تەنچىسى بار، ياپىلاق قەۋەتلىك تۈزۈلمە خالتىسىمان تەنچە دەپ ئاتىلىدۇ. خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئىچىدە 4 - 70 مىللىمىكرومېتر كېلىدىغان خالتا ئىچكى بوشلۇقى بولىدۇ. خالتىسىمان تەنچىنى ھاسىل قىلىدىغان پەردىنىڭ قاتلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تەخسىسىمان ياپىلاق قەۋەت ئاساسىي دانىچە خالتىسىمان تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 10 - 100 دانە ئاساسىي دانىچە خالتىسىمان ياپىلاق قەۋەتنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزۈلۈش ئاساسىي دانىچە دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى فوتوسىنتېز پىگمېنتلىرى ئاساسىي دانىچىگە توپلىنىدۇ. ئاساسىي دانىچىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 150 مىللىمىكرومېتردىن 5.1 مىكرومېترغىچە بولىدۇ، بۇ خالتىسىمان تەنچىنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر دانە تىپىك خلوروپلاستتا 40 - 60 دانە ئاساسىي دانىچە بولىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھەقىقىي يادرولۇق يۈسۈنلەردە ئاساسىي دانىچە بولمايدۇ. بىر يېتىلگەن پالەك يوپۇرمىقىدىكى خلوروپلاستتىكى ئاساسىي دانىچىنىڭ ھەر بىر ئاساسىي دانىچە ياپىلاق قەۋىتى ئىچىدە ئاز دېگەندە 1000000 دانە خلوروفىل مولېكۇلىسى بولىدۇ. ئاساسىي دانىچىنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنىڭ دىئامېترى 3.0 - 2 مىكرومېتر ئارىلىقىدا بولىدۇ. دۆۋىلەنگەن ئىككى قوشنا خالتىسىمان تەنچىنىڭ ئارىلىقى ئىككى مىللىمىكرومېتر كېلىدۇ، بۇ ئارىلىقىتا ئالاھىدە تۇتاشتۇرغۇچى ماددا بولۇپ، ئۇ خالتا ئارىلىق قەۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. دۆۋىلەنمىگەن خالتىسىمان تەنچىلەر تولدۇرغۇچى خالتىسىمان تەنچە ئارىلىق ماددا پلاستىنكا قەۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسىي دانىچىلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تولدۇرغۇچى خالتىسىمان تەنچىلەر قايتىلىما سىزىقلىق تۈزۈلۈش دەپ ئاتىلىدۇ. تولدۇرغۇچى خالتىسىمان تەنچە بىلەن ئاساسىي دانىچە خالتىسىمان تەنچىسى ئۆز ئارا تۇتىشىپ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تورسىمان تۈزۈلۈشنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۆسۈملۈك
lèi náng tǐ
خالتىسىمان تەنDئۇنىۋېرسال
lèi náng tǐ
تىلاكوئىد