UyghurMain Dictionary
لەيلەتۇل قەدر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئېسەنلىك كېچىسى>، <قەدىرلىك كېچە> دېگەنلىك بولۇپ، ھىجرىيە 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى (بەزىلەر 25 - كۈنى دەيدۇ، بەزىلەر 29 - كۈنى دەيدۇ) كېچىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسلانغاندا، ئاللاتائالا شۇ كېچىسى مالائىكە جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا <قۇرئان كەرىم> نىڭ سۈرىلىرىنى نازىل قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنى قۇرئاندا بەلگىلىگەن. <تەقدىر كېچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ كېچىسى قىلىنغان بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ئادەتتىكى ياخشىلىقنىڭكىدىن مىڭ ھەسسە زىيادە بولۇپ، ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئىگە بولىدىكەن. بۇ كېچىسى مالائىكىلەر ۋە مۇقەددەس روھ بۇيرۇق بويىچە كىشىلەر ئارىسىغا كېلىدىكەن. مۇسۇلمانلار بۇ كېچىسى مەسچىتلەردە دۇئا - تىلاۋەت ۋە ئىبادەت قىلىدۇ. قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، كېچىچە كۆز يۇممايدۇ. شۇڭا < تۈنەك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.