UyghurMain Dictionary
لەھزە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىردەم، بىر پەس، بىر ئاز؛ قېتىم، دائىم:
يۈز جەفاۋۇ جەۋر ئەسبابىن تۈزەر، كۆركىم، بۇ دەھر،
خاتىرىم خۇررەملىغىن ھەر لەھزەكىم ياد ئەيلەمىش.
ئەرشى.
يۈرۈشپ لەھزە خەلقى زەمانە بىلە،
كى باردىم قاشىغە بەھانە بىلە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت؛ ھەمىشە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئى يىنجۇ تىشلىك دىلبەرىم لەئلى گۆھەر بارىڭ ھەقى، سەككاكىنىڭ ئىككى كۆزىن ھەرلەھزە ئۇممان ئەيلەمە. (سەككاكى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتىدىغان ۋاقىت، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت.
مۇئەللىم ئاستىلاپ توختىدى سۆزدىن، بىر لەھزە ئارىغا چۆكتى سۇكۇنات. چۈشەندىم، ئۆمۈرگە مېھمان ئەمەس بىز، كۈرەشنىڭ سەھنىسى ئىكەن بۇ ھايات!