Uyghur←ChineseMain Dictionary
لى چىڭگۇي
دۇنيا تارىخى
李成桂
lǐ chéng guì
(1335 - 1408) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (1392 - 1398). تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى دەن، تەخەللۇسىنى جۈنجىن، نامىنى سوڭشۇەن دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۆلگەندىن كېيىن تەيزۇ دەپ نام بېرىلگەن. كەييۇەن ئۆلكىسى شۇاڭچىڭ ئومۇمىي باشقۇرۇش دىيارى (ھازىرقى خامگيوڭ - نامدو ۋىلايىتى يۇڭشىڭ ناھىيىسى خېبىشى يېزىسى)دا تۇغۇلغان. سىللالىق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېكىپ چىققان. ئاتىسى لى زىچۈن يەرلىك زومىگەر بولۇپ، شۇاڭچىڭ ئومۇمىي باشقۇرۇش دىيارىنىڭ مىڭ بېشى بولغان. 1356 - يىلى كورىيە سۇلالىسى بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، لى زىچۈن تەسلىم شەرقىي شىمالىي تەرەپ لەشكەر بېشى بولغان. 1362 - يىلى (پادىشاھ كۇڭمىننىڭ 11 - يىلى) ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۇمانگان، يالۇجياڭ دەرياسى ئەتراپىدا جورجىتلار بىلەن مۇڭغۇل قالدۇق كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي پايتەختكە يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن جەنۇبقا بېرىپ ياپونىيە قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىنى بىجىرگەن. 1371 - يىلى ئىچكى ئىشلار ئامبىلى بولۇپ، سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشقان. 1388 - يىلى (پادىشاھ شىنيۇنىڭ 14 - يىلى) ئوردا ئوتتۇرانچى ياساۋۇل بېگى (كوراگان) بولغان. شۇ يىلى سول قول ئارمىيىسى باش بۇيۇرغا ئامبىلى بولۇپ، قوشۇن باشلاپ جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى زېمىنىنى لياۋدۇڭغا ھۇجۇم قىلىپ، يالۇجياڭ دەرياسىدىكى ۋېخۇا ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن. ساۋمىشيۈ بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، قوشۇن تارتىپ پايتەختكە قايتىپ، پادىشاھ شىنيۇنى تەختتىن قالدۇرۇپ، شىنچاڭنى ئورنىغا قويغان. ساۋمىشيۈ، جاۋجۈن قاتارلىقلارنى يادرو قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. ئىككىنچى يىلى شىنچاڭنى تەختتىن قالدۇرۇپ، گۇڭزۇڭنى پادىشاھ قىلغان. ئۆزى ئىشىكئاغا، ئوتتۇرانچى ياساۋۇل بېگى، ئۈچ تەرەپ ئارمىيىسى باش بوغىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ھەربىي - مەمۇرىي ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلىۋالغان. 1390 - يىلى، كورىيە سۇلالىسىنىڭ جامائەت ۋە خۇسۇسىي يەر ھۆججەتلىرىنى بىكار قىلغان. 1391 - يىلى يەر تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەرتىۋە يەر قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1392 - يىلى پادىشاھ گۇڭزۇنى قالدۇرۇپ، ئۆزى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىۋالغان. ئىككىنچى يىلى دۆلەت نامىنى چاۋشيەنگە ئۆزگەرتكەن. 1394 - يىلى پايتەختنى خەنياڭ (ھازىرقى سېئول) غا يۆتكىگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە ئالتە ئىقتىسادىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، خۇسۇسلار قوشۇنىنى بىكار قىلغان؛ <بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى قانۇن - نىزاملىرىغا سۆزمۇ سۆز ئىزاھات> ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى تۈزۈملىرىگە تەقلىد قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ شەرقىي شىمالى تەرەپتىكى ئايماق - ناھىيىلەرنى بېكىتىپ چىقىپ، ئۇلارنى تەۋەسىگە كىرگۈزۈۋالغان مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1398 - يىلى پادىشاھ تەخت ۋارىسىنى تاللاپ بېكىتىش ماجىراسى تۈپەيلىدىن جېڭ داچۈەن توپىلىڭى يۈز بېرىپ، كېيىن تەختنى ئىككىنچى ئوغلى لى فاڭگو (دىڭزۇڭ)غا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئېلان قىلغان.