Uyghur←ChineseMain Dictionary
لىبرېۋىل
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر利伯维尔
lì bó wéi ěr
ئافرىقىدىكى گابون جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي مەركىزى، مۇھىم دېڭىز پورتى. شەھەر ئاھالىسى 257 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). لبىرېۋىل شەھىرىدە يېمەك - ئىچمەك، نېفىت ئايرىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. لبىرېۋىل پورتى ئارقىلىق نېفىت، مارگانتىس رۇدىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. پورتنىڭ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە، شۇنداقلا ئافرىقا، ياۋروپا قاتارلىق قىتئەلەردىكى دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى بار. سۇ قاتنىشىدا دەريا قاتنىشى بىلەن دېڭىز قاتنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. لبىررېۋىلنىڭ ئورنىنى 1839 - يىلى 2 - ئايدا فرانسىيىلىك پاراخوت باشلىقى بۇئى ۋېرۇمىز 21 پارچە رەخت، 10 ساندۇق (ھەر ساندۇقى 25 جىڭ ئېغىرلىقتا) مىلتىق دورىسى، 20 دانە يەرلىك مىلتىق، ئىككى خالتا تاماكا، بىر تۇڭ ھاراق، 10 دانە باش كىيىم ھېسابىغا گابونيىنىڭ يەرلىك باشلىقلىرىدىن سېتىۋالغان. 1841 - يىلى 3 - ئايدا يەنە يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بىلەن كومۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى جايلارغىمۇ فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان. بۇ ئىككى پارچە يەر لبىرېۋىلنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. 1849 - يىلى كونگودىن قۇللارنى ئېلىپ يولغا چىققان برازېلىيىنىڭ <ئېلچە> ناملىق پاراخوتى توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن (19 - ئەسىرگە كەلگەندە قۇل سودىسى چەكلەنگەن، شۇڭا بۇ پاراخوت توسۇپ قويۇلغان) پاراخوتتىكى 86 كونگولۇق نېگىر بوئى ۋېرۇمىز كونتروللۇقىدىكى بۇ جايغا ئېلىپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە ھەربىر جۈپ ئەر - ئايال ئۈچۈن بىر ياغاچ ئۆي، بىر پارچە يەر بېرىلگەن. بوئى ۋېرۇمىز بۇ ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ جايغا لبىرېۋىل (ئەركىن شەھەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ جاي شۇنداق نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
Domain: ئۇنىۋېرسال利伯维尔
lì bó wéi ěr
GetWord Corpus
9利伯维尔
利伯维尔【地名】
lì bó wéi ěr9利伯维尔
利伯维尔【世界各国】
lì bó wéi ěr
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.