UyghurMain Dictionary
لېبرۇن
دۇنيا تارىخى
(1) چارلېس - فرانكيوس لېبرۇن (1739 - 1824). فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب. ئادۋوكاتلىقتىن چىققان. 1766 - يىلى خان جەمەتى تەپتىش ئەمەلدارى بولغان. 1768 - يىلى خان جەمەتى يەر مۈلكىنىڭ باش تەپتىشى بولغان. 1771-يىلىدىكى ئەدىلىيە ئىسلاھاتىغا ياردەملەشكەن. 1789 - يىلىدىكى ئۈچۈنچى تەبىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامىنتقا قاتناشقان. ياكوبىن دېكتاتورىسى دەۋرىدە، مۆتىدىل مەيدان تۇتقانلىقتىن، قاماققا ئېلىنغان، تۇمۇزئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدەقويۇپ بېرىلگەن ھەمدە سىناتقا سايلانغان. 1795 - 1799 - يىللىرى 500 كىشىلىك پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ناپالىئون تەرىپىدىن مۇنارخىستلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچۈنچى ئىجرائىيە ھاكىميەتكە سايلانغان.1804 - يىلى شاھزادە دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئىمپىريە خەزىنە باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1808 - يىلى پلايىسانىس كىنەزى دەپ نام بېرىلگەن. 1810 - 1813 - يىللىرى گوللاندىيە باش ۋالىسى بولغان. 1814 - يىلى بوربون سۇلالىسى تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن فىرانسىيە ئاقسۆڭىكى بولغان. 100 كۈنلۈك سۇلالە بولغان ۋاقتىدا پارىژ داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان، شۇڭا بوربون سۇلالىسى ئىككىنچى قېتىم تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر مەھەل ئاقسۆڭەكلىك نامىدىن مەھرۇم بولغان، 1819 - يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. (2) ئالبېرت لېبرون (1871 - 1950) فىرانسىيە زۇڭتۇڭى (1932 - 1940). دەسلەپكى ۋاقىتتا كان ئېنژىنىرى بولغان. 1900 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، 1920 - يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1931 - 1932 - يىللىرى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1911 - 1913 - يىللىرى ۋە 1913 - 1914 - يىللىرى مۇستەملىكلەر مىنىستىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان. 1932 - يىلى 5 - ئايدا دۇمېر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. سىياسى جەھەتتە ئىزچىل تۈردە خەلق سېپىگە قارشى تۇرغان، فاشىستلارنى قانات ئاستىغا ئالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فىرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 1940 - يىلى 7 - ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن، كېيىن سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 1943 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1944 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن. <گۇۋاھلىق> دېگەن ئەسلىمىسى بار.