Uyghur←ChineseMain Dictionary
لازارۇس
Domain: دۇنيا تارىخى拉查洛夫
lá chá luò fū
(1849 - 1887) ئامېرىكىلىق يەھۇدىي ئايال شائىر. نيو - يوركتا تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. 1867 - يىلى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. 1874 - يىلى گېتېنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن <ئالېد> دېگەن ھېكايىسىنى يازغان. 1881 - يىلى گېتېنىڭ شېئىرلىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلغان. شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەركىنلىكنى مەدھىيلەپ، ئىرقىي زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئاساسىي مەزمون قىلىنغان. 1879 - 1883 - يىللىرى روسىيىدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى دولقۇنغا قارىتا <بىر سېمىتنىڭ ناخشىسى> قاتارلىق شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە يەھۇدىي مۇساپىرلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. <شېئىرلار توپلىمى> <ھالاكەتكە يۈزلىنىش ئۇسۇلى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.