Uyghur←ChineseMain Dictionary
لائوسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
老挝抗美救国战争
lǎo wō kàng měi jiù guó zhàn zhēng
لائوس خەلقنىڭ ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. 1959 - يىلى ئامېرىكا لائوستا ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان، 1964 - يىلى يەنە ئامېرىكاپەرەس ئۇنسۇرلارنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. لائوس خەلقى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمىنى ئازاد قىلغان. 1975 - يىلى 5 - ئايدا، لائۇس خەلقى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا خەلق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. شۇ يىلى 12 - ئايدا، لائوس خەلقى ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. شۇ يىلى 12 - ئايدا، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.