UyghurMain Dictionary
لاۋو
دۇنيا تارىخى
مونلار ھازىرقى تايلاند چېگرىسى ئىچىدىكى مېنام دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى رايونىدا قۇرغان قەدىمكى دۆلەت. لاۋو (ھازىرقى لوپبۇرى)نى پايتەخت قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كخمېر ئاڭكور سۇلالىسى تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. 13 - ئەسىردە مۇستەقىل بولغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇتوڭدىكى مونلار پادىشاھى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. لاۋو بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدا دوستانە مۇناسىۋەت بۇلۇپ، ئۆز ئارا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ بېرىش -كېلىش قىلغان.