Uyghur←ChineseMain Dictionary
لاۋال
Domain: دۇنيا تارىخى赖伐尔
lài fá ěr
(1883 - 1945)، فرانسىيە زۇڭلىسى (1931 - 1932، 1935 - 1936)، مىللىي خائىن. لېئان داشۆسى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1903 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1924 - يىلى بۇ پارتىيىدىن ئارىلىپ، سوتسىيال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسگە كىرگەن. 9141 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1927 - يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش مىنىستىرى، مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى، ئەمگەك مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇستەملىكىلەر مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. فاشىزمنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا يول قويۇش سياسىتىنى پائال تۈردە يۈرگۈزۈپ، 1935 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىتالىيەنىڭ باش ۋەزىرى موسسولىن ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھوئارېلار بىلەن ئېفىئوپىيە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ساتىدىغان <لاۋال - موسسولىن كېلىشىمى>، <ھوئارې - لاۋال كېلىشىمى> نى ئىزالىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن پېتائىننىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىشنى مەخپىي پىلانلىغان ۋە قوللىغان. 1940 - يىلى ۋىشى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. 1942 - يىلى 4 - ئايدا زۇڭلى قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار، ئاخبارات مىنىستىرى بولۇپ، گىتلېر گېرمانىيىگە يېقىندىن ئەگەشكەن. 1944 - يلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، كېيىن ئاۋسترىيىدە قولغا ئېلىنغان. 1945 - يىلى 10 - ئايدا دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى拉瓦勒
lā wǎ lè
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.