UyghurMain Dictionary
لاتىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىبېرىس دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان لاتىئوم تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى. دەسلەپتىكىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللىرى ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن كۆچۈپ چىققان ھىندى - ياۋروپالىقلار بولۇپ، كېيىن باشقا قەبىلىلەرنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇلار قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى بەزىبىر كىچىك شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان. رىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
لاتىن تىلى ۋە رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر بىر قەدەر زور بولغان، ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ رىم تىل تارمىقىدىكى تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئاھالىلار يەنى ھازىرقى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.