Chinese→UyghurMain Dictionary
拉斯拜尔
دۇنيا تارىخى
راسپايىل
(1794 - 1878) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، دوختۇر ۋە تەبىئىي پەن ئالىمى. دەسلەپتە تېببىي ئىلىم، خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1830-يىلدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا ۋە ئىيۇل خاندانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. <خەلق دوستى> گېزىتىنى نەشر قىلىپ، خەلق دوستى كۇلۇبىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گېزىتى <ئىسلاھاتچىلار گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا دېموكراتلارنىڭ مۇھىم رەھبىرىبولغان، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن جۇمھۇرىيەت جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتقا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ۋە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1848-يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، پارىژىكى ھەر قايسى سوتسىيالىستىك مەزھەپلەر تۈرمىدىكى راسپايىلنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سايلىنالمىغان. 1854-يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، پارىژدىكى ھەر قايسى سوتسىيالىستىك مەزھەپلەر تۈرمىدىكى راسپايىلنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سايلىنالمىغان. 1854-يىلى بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن، 1859-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان، 1863-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى دېموكراتلار تەرىپىدىن قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىگە سايلانغان. 1876-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ كوممۇنا ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.