UyghurMain Dictionary
لاسادىكى خابالىن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىدىكى باجاۋ كوچىسىنىڭ شەرقىدە. زاڭزۇلار « كاجىلاكاڭ » دەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى « مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتخانىسى » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەسچىت XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1 مىڭ 670 كۋادرات مېتىر. ئىمارەت رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن. زاڭزۇلارنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى قوللىنىلغان.