Chinese→UyghurMain Dictionary
拉普.拉普
دۇنيا تارىخى
لاپۇ - لاپۇ
فىلىپىندىكى ماكتان ئارىلىنىڭ پادىشاھى. ئۇ 1521 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ماكتان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سېبۇ ئارىلىدىن بېسىپ كىرگەن ماگېللان باشچىلىقىدىكى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. ماگېللان شۇ جاينىڭ ئۆزىدە قاز تاپقان. ئىسپانىيەنىڭ كېمىلىرى چېكىندۈرۈلگەن. لاپۇ - لاپۇ فىلىپپىن خەلقى تەرىپىدىن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك - تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قەھرىمان، دەپ ئاتالغان.