Chinese→UyghurMain Dictionary
劳伦斯
دۇنيا تارىخى
لاۋېنسى
(1885 - 1930) ئەنگلىيەلىك يازغۇچى ۋە شائىر. كۆمۈر كان ئىشچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇتقۇچى بولغان. ئەدەبىي ئوبزورچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا باھاسى ئوخشاش ئەمەس. ئادەتتە ⅩⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە دىكادېنت ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈمىدسىزلىك تۈسىگە ئىگە بولۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش ئىنسانلارنى ئادىمىگەرچىلىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ، دەپ قارالغان. يېزىقچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتىن فرېئىد نېرۋا تەھلىل قىلىش ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىشق - مۇھەببەت ۋە غەيرىي روھىي ھالەتنى كۆپرەك تەسۋىرلىگەن، بۇرژۇئازىيەنىڭ چۈشكۈنلەشكەن روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ئوغۇل بىلەن مەشۇقە>، <ھەسەن - ھۈسەن> قاتارلىقلار بار.