Chinese→UyghurMain Dictionary
懒王
دۇنيا تارىخى
ھورۇن كورۇل
فرانسىيە كورۇللىقى مېروۋېن خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ئەۋلاد كورۇللىرىغا كەمسىتىلىپ بېرىلگەن ئاتاق. مىلادى 639 - 751 - يىللىرى، مېروۋېن خاندانلىقىنىڭ بىر نەچچە ئەۋلاد كورۇللىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ھوقۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ قويغاچقا، <ھورۇن كورۇل> دەپ ئاتالغان. بۇ ئارىلىقتا فرانك كورۇللۇقى ئاۋستراسىيە، نېۋىستىرىيە ۋە بۇرگۇندىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ھەرقايسى رايونلىرىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ئايرىم - ئايرىم ساراي ۋەزىرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن. 751 - يىلى ساراي ۋەزىرېى پېپېن (پەتەك) ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، كارولىق پادىشاھلىقىنى قۇرغان.