Uyghur←ChineseMain Dictionary
لانگېۋىن
دۇنيا تارىخى
郎之万
láng zhī wàn
(1872 - 1946) فرانسىيەلىك فىزىك. ئىشىچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1891 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فىزىكا ۋە خىمىيە شۆيۈەنى، پارىژ ئالىي پېداگوگىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1902 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1909 - يىلدىن باشلاپ مەزكۇر شۆيۈەننىڭ پروفېسسورى بولغان. 1934 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىپ، 1919 - يىلى <يېڭى رۇسلارنىڭ دوستلۇق كۇرژۇكى>نى قۇرغان. ئۇ يەنە ئامىستىردام فاشىزمغا قارشى يىغىنىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىدىن بىرى، شۇنىڭدەك فرانسىيە خەلق فرونتىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ئىدى. 1939 - يىلى <ئىدىيە> ژورنىلىنى تەسىس قىلغان. 1940 - يىلى 3 - ئايدا ھەربىي سوتتا كوممۇنىستلارنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن شۇ يىلى 10 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. 1944 - يىلى 5 - ئايدا شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن، فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدا فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.