Chinese→UyghurMain Dictionary
兰甘亭
دۇنيا تارىخى
كۇن راماكامھېڭ
(؟ - 1317) سۇكوتاي سۇلالىسىنىڭ 3 - ھۆكۈمرانى (تەخمىنەن 1275 - 1317). تەختتىىكى مەزگىلدە سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئېيتىلىشىچە 1296 - يىلى چېنلا خانلىقىنىڭ پايتەختى ئاڭكۇرنى بېسىۋېلىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. ئۇنىڭ زېمىنى شمالدا لۇئاڭ پراباڭدىن جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىدىكى لوكۇنغىچە يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1283 - يىلى، كىخمېر ھەرپلىرى بىلەن تاي تىلىنى يېزىپ، تاي يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ھىنايانا بۇددىزمىنى تەشەببۇس قىلغان. جۇڭگو يۈەن سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ جۇڭگوغا كەلگەن ۋە ئۆز ئېلىگە جۇڭگونىڭ ساپالچىلىق ئۇستىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن.