Uyghur←ChineseMain Dictionary
لانگې
دۇنيا تارىخى
朗格
lǎng gé
(1869 - 1938) نورۋېگىيىلىك تىنچلىقپەرۋەر. تارىخشۇناس. 1893 - يىلى كرىستىئانا (ھازىرقى ئوسلو) داشۆسىنىڭ ئەدبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيە ئايرىلغان مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1890 - 1909 - يىللىرى نورۋېگىيىدىكى نوبېل شۆيۈەنىدە تارىخ دەرسى بەرگەن. 1900 - 1909 - يىللىرى قوشۇمچە نورۋېگىيە پارلامېنتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1907 - يىلى گائاگا خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنىڭ نورۋېگىيە ۋەكىلى بولغان. 1909 - 1933 - يىللىرى خەلقئارا پارلامېنت ئىتتپاقنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1920 - 1937 - يىللىرى نورۋېگىيەنىڭ خەلقئارا ئىتتپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىل بولغان. 1921 - يىلى شۋېتسىيىدىكى برانتىڭ بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنلىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <ئىنتېرناتسىئونال تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.