UyghurMain Dictionary
لامۇرى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان. بىر مەزگىل سىرىۋىجايا دۆلىتىگە بېقىندى بولۇپ، كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 14 - ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەن. سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) بىلەن سودا ئالاقىسى ناھايىتى زىچ بولغان. 1408 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 6 - يىلى) جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭخې بۇ دۆلەتكە بارغان.