Chinese→UyghurMain Dictionary
拉玛七世
دۇنيا تارىخى
راما ⅤⅡ
(1893 - 1941) يەنە بىر ئىسمى پراجاد خىپوك سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1925 - 1935). راما Ⅴ نىڭ كەنجى ئوغلى، راما Ⅵ نىڭ ئىنىسى، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىدە ھەربىي ئىشلار ۋە ئەدەبىيات ئۆگىنىپ، غەربنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1932-يىلى 24-ئىيۇن سىياسىي ئۆزگىرىشىدە بىر مەھەل قاماپ قويۇلغان، كېيىن يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا دەرھال قوشۇلغان. 1933-يىل 4-ئايدا مىللىي پارلامېنت بىلەن گوۋۇيۈەننى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى قايتىدىن ئىگىلىگەن. كېيىن يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشى كۈنسايىن كۈچەيگەچكە، 1934-يىى 1-ئايدا كېسىلىنى داۋالىتىش نامى بىلەن ياۋروپاغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلمىگەن. 1935-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ىياسىي كۆز قاراش جەھەتتە مەملىكەت ئىچىدىكىلەر بىلەن ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكتىن، تەختنى بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان. كېيىن لوندوندا ۋاپات بولغان.